Uyghur主要词典
بىر مىڭ توققۇز يۈز ئون توققۇزىنچى يىلدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ <مۇنتاگۇچېلمىسفۇرد دوكلاتى>غا ئاساسەن چىقارغان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش قانۇن لايىھىسى. 1919-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنىپ، 1921-يىلى يولغا قويۇلغان. بۇ قانۇن ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. ئۇنىڭدا مەركىزىي ھۆكۈمەتتە باش ۋالىي بىلەن ئىككى پالاتا (دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى)دىن تەركىپ تاپقان قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ؛ باش ۋالىي ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى ئالدىدا بىۋاستە جاۋابكار بولىدۇ، رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى 60 كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە 26 كىشىنى باش ۋالىي بەلگىلەيدۇ، 34 كىشى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى 145 كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە 105 كشى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، 40 كىشىنى باش ۋالىي بەلگىلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى نازارەتلىرى <ساقلاپ قېلىش> قىسمى بىلەن <ئۆتۈنۈپ بېرىش> قىسمىغا ئايرىۋېتىلگەن. ساقچىلار نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى ۋە مالىيەباج ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق نازارەتلەر <ساقلاپ قېلىش> قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلار ئۆلكەۋالىيسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان، نازىرلىرىنى ئۆلكە ۋالىيسى تەيىنلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا مەسئۇل نازىرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلغان. سەھىيە، مائارىپ، جامائەت مۇئەسسەلىرى قاتارلىق نارارەتلەر <ئۆتۈنۈپ بېرىش> قىسمىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۆلكە ۋالىيسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان، نازىرلىرىنى ئۆلكە ۋالىيسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەيىنلىگەن، شەكىل جەھەتتە ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا جاۋابكار نازىرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇنداق تۈزۈم <قوش باشلىق سىياسىي> ياكى <ئىككى مەنبەلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى> دەپ ئاتالغان، ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 70پرسەنتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۆلكە ۋالىيسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قوبۇل قىلمىغان قانۇن لايىھىلىرىنى <ئېتىراپ قىلىش>ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولغان. بۇ قانۇن لايىھىسىھىندىستان خەلق كونگرىسې پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.