Uyghur←Chinese主要词典
بىرمىڭ توققۇز يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلدىكى پارىژ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
一九四四年巴黎起
yī jiǔ sì sì nián bā lí qǐ
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدىكى پارىژ خەلقىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلەر قوشۇنىغا قارشى كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1944-يىلى 6-ئايدا ئىتتىپاقداش قوشۇن نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، فرانسىيە خەلقى ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش يولىدا ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. 7-ۋە8-ئايلاردا پارىژ ئىشچىلىرى كەينى كەينىدىن ئىش تاشلىغان، پېتائىن ھۆكۈمىىتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى پارىژدىن قېچىپ كەتكەن. كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلارپارتىيىسى ۋە كاتولىك دىنى ۋەكىللىرى بىرلىشىپ پارىژ ئازادلىق كومىتېتىنى تەشكىللەپ، پارىژ قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئىچكى جايلاردىكى قوشۇنلار بىلەن ۋەتەنپەرۋەر خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى دۈشمەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان. 24-كۈنىشەھەر ئىچىدىكى گېرمانىيە قوشۇنى قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئاساسەن توختاتقان. ئەتىسى فرانسىيە ئىككىنچى برونېۋىك دىۋىزىيىسى پارىژغا كىرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئازاد قىلغان.