Uyghur主要词典
بىر مىڭ توققۇز يۈز بەشىنچى يىلى ئۆكتەبردىكى روسىيە بۇيىچە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىش تاشلاش
دۇنيا تارىخى
1905-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە روسىيەدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى. 1905-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى (روسىيە كالىندارى بويىچە)موسكۋاقازان تۆمۈريولىدا باشلانغان ئىش تاشلاش، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېزلىك بىلەن روسىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئىش تاشلاشقا ئايلانغان.ئىش تاشلاش سانائەت ئىشچىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ماگىزىنچىلار، خىزمەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە كىچىك ئەمەلدار قاتارلىق تەبىقىلەردىكىدىن بولۇپ، 20 مىليوندىن كۆپرەك خەلق بەسبەستە قاتناشقان، ئۇلار<چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى يۇقىتايلى!>، <ياشىسۇن ئىنقىلاب!> دېگەن شۇئارلارنى ئوتتۇرغا قويغان. نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنىڭ تۆرەلمە شەكلى ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى بارلىققا كەلگەن. نەتىجىدە چار پادىشاھ <17-ئۆكتەبىرخىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. روسىيە خەلقى تۇنجى قېتىم (ۋاقىتلىق) سۆزپىكىر قىلىش، نەشر قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەش ئەركىنلىكىگەئېرىشكەن. جايلاردىكى ئىش تاشلاش 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە(روسىيە كالىندارى)كەينى كەينىدىن توختاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بولشېۋىكلار ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە قارىتىشقا تەييارلىق قىلغان.