Uyghur←Chinese主要词典
بىرمىڭ سەككىز يۈز يەتمىشىنچى يىلدىكى خاندانلىققا قارشى ھەرىكەت
دۇنيا تارىخى
一八七0年反王朝运动
yī bā qī 0nián fǎn wáng cháo yùn dòng
رومىنىيە خەلقنىڭ كىنەز كارولنىڭ يېڭى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغاقارشى ئېلىپ بارغان جۇمھۇرىيەتلىك ھەرىكىتى. يېڭى خاندانلىق شەھەريېزىلاردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازلارنىڭ مەنپەئىتىگە قاتتىق زىيان يەتكۈزۈپ، دېموكراتىيە ئەنئەنىسىنى دەپسەندە قىلىپ، لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكى رادىكاللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. سىمون بارنۇتىئۇ ۋەكىللىكىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئىدىيىسى كەڭ تارقالغان. 1870-يىلى 8-ئايدا ئىنقىلابچىلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان. رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان كاندىئانوپوپېسكۇ(1418-1901) پليېستىدە بالدۇر ھەرىكەت قىلغانلىقتىن ئارمىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، قوزغىلاڭ ئەمەلگە ئاشمىغان، ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا بۇخارېستتا يېڭىدىن جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتى پارتىلغان، ئامما كوچىلارغا چىقىپ، <ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت!> دېگەن لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ ھۆكۈمەتنىڭ گېرمانپەرەس سىياسىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە پرۇسسىيەفرانسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان فرانسىيىگە مەدەت بەرگەن. بىراق رەھبەرلىكنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تېز باستۇرۇلغان.