Uyghur主要词典
بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخىئەنگلىيە بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان قانۇن لايىھىسى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرمىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 1947-يىلى 1-ئايدا ئىمزالانغان <ئاڭشەن - ئاتتلې كېلىشىمى> بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئارقىغا سوزۇش چارىسىنى قوللىنىپ، بىرما خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا بىرمىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسى مۇستەقىللىك توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئايدا <ئەنگلىيە - بىرما شەرتنامىسى> ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى <بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى> نى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولۇپ، بىرمىنىڭ تامامەن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىرا قىلغان. بۇ قانۇنى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرما 1948-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىكنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。