Uyghur←Chinese主要词典
بېرلىن كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
柏林协定
bó lín xié dìng
ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ بېرلىننىڭ غەربىي رايونى مەسىلىسى توغرىسىىكى كېلىشىمى. 9701-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈن تۆت دۆلەت بېرلىننىڭ غەربىي رايونى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 1971-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كېلىشىمگە قول قويغان. 1972-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىننىڭ غەربىي رايونىدا تۆت دۆلەتنىڭ بېرلىننىڭ غەربىي رايون مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان. كېلىشىمدە: <تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەر قايسىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىش>، <مەزكۇر رايوندا شەكىللەنگەن ھەمە مەزكۇر كېلىشىم شۇنىڭدەك مەزكۇر كېلىشىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھالەتنى بىر تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ>؛ <بېرلىننىڭ غەربىدىكى رايون بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا> قوشۇلىدۇ، <گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باشقا ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە برلىننىڭ غەربىي رايونىدىكى شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە، بېرلىننىڭ غەربىي رايونىدا دائىمىي ئالاقىىشىش ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ>، <گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا تەشكىلات ۋە خەلقئارا يىغىنلاردا بېرلىننىڭ غەربىي رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ> ۋاھاكازار دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىمدە يەنە: <بېرلىننىڭ غەربىي رايونى بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنىدىكى تاشيول، تۆمۈر يول ۋە سۇ يولىدىكى قاتنىشى ھەمدە پۇقرالار ۋە ماللارنىڭ چېگىردىن ئۆتۈشى ھېچاقنداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ>، بېرلىننىڭ غەربىي رايونى بىلەن شەرقىي رايونى شۇنىڭدەك دېموركاتىك گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشمۇ ياخشىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.