Uyghur主要词典
بېرىللىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
خىمىيە
مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Beryllium)Be. رەڭگى سۇس كۈل رەڭ كېلىدۇ، ئەڭ يېنىك مېتاللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن x تۇرۇپكىسىنى ياسىغىلى بولىدۇ. بېرىللىي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى ئىنتايىن قاتتىق ھەم يېنىك بولغاچقا ئايروپىلان، راكېتا ياساشتا ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىدۇ. بېرىللىي ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.