Uyghur主要词典
بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما
بىئولوگىيە
ھايۋان تېنىدىكى تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ ھەم كۆپ خىللاشقان توقۇلما. ئۇ ئازراق ھۈجەيرە ۋە كۆپرەك ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئارىلىق ماددىغا تارقىلىپ جايلاشقان بولىدۇ، ئارىلىق ماددا تالا ۋە قەنت تەركىبى كۆپرەك بولغان ستروما (ئاساسىي ماددا) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما خىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ ئاساسىي ماددىنىڭ فىزىك - خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، سۇيۇقلۇق بولۇشىمۇ، كاللوئىد ياكى قاتتىق ماددا بولۇشىمۇ مۇمكىن. تالالار توقۇلمىغا تارقالغان بولۇپ، كوللاگېن تالالاىرى ئېلاستىك تالالار ۋە تورسىمان تالا قاتارلىق ئوخشىمىغان تىپتىكى تالالار بولىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ خىللىرى ۋە ئارىلىق ماددىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنى يەنە خاس بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما (شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، زىچ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە تورسىمان بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تىرەك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما (كۆمۈرچەك ۋە سۆڭەك) ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما (قان سۇيۇقلۇقى ھەم لىمفا) لارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.