Uyghur←Chinese主要词典
بىرىككەن ئاقسىللار
بىئولوگىيە
结合蛋白
jiéhédànbái
<مۇرەككەپ ئاقسىل> - دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاقسىل ۋە ئاقسىل ئەمەس قىسىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بىرىككەن ئاقسىللارنىڭ ئاقىسل ئەمەس قىسمىدا ئادەتتە قەنت، ياغ، يادرو كىسلاتاسى ياكى ھەر خىل ياردەمچى فاكتورلار بولىدۇ. تەركىبىدە قەنت بولغان بىرىككەن ئاقسىل قەنت ئاقسىلى دېيىلىدۇ. قەنت بىلەن ئاقسىل كۇۋالېنتلىق باغ ئارقىلىق تۇتىشىدۇ. ياغ بىلەن بىرىككەن ئاقسىل ياغ ئاقسىلى، يادرو كىسلاتاسى بىلەن بىرىككەن ئاقسىل يادرو ئاقسىلى دېيىلىدۇ. باشقا يەنە ياردەمچى فاكتورلار بىلەن بىرىككەنلىرى، مەسىلەن، گېماتىن بىلەن بىرىككەن مىئوگلوبىن، مېتال ئىئونلىرى بىلەن بىرىككەم مېتال ئاقسىلى، فوسفور بىلەن بىرىككەن فوسفورلۇق ئاقسىل قاتارلىقلار بولىدۇ. جانلىقلار تېنىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بولغان ئاقسىللارنىڭ كۆپى مۇشۇ خىلدىكى ئاقسىللارغا كىرىدۇ.