Uyghur主要词典
بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
ھاياتلىق تارىخىنى بىر ئۆسۈش پەسلى ئىچىدە تاماملايدىغان ئۆسۈملۈكلەر. يەنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق بىخلىنىش، چېچەكلەش ۋە مېۋە بېرىشتىن ئۆلگۈچە بولغان جەريانى بىر يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ. ئۇنىڭغا بىر قېتىم مېۋە بېرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈكلەر كىرىدۇ. مەسىلەن، شال، پۇرچاق، پەمىدۇر، تەرخەمەك، ئاپپاپپەرەس قاتارلىقلار. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇھىت شارائىتىدا ياشاش يىل چەكلىمىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز ئىسسىق بەلباغدا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك، مۆتىدىل بەلغاغدا بىر يىللىق ئۆسۈملۈك بولىدۇ.