Uyghur主要词典
برېدا خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
1660-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنگلىيىلىك كارل Ⅱ بىلەن گېنېرال مۇنك سۆھبىتىدىن كېيىن ستۇئارت خاندانلىقىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن برېدا (بۈگۈنكى گوللاندىيىدە) دا ئېلان قىلىنغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئۇنىڭدا خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 40 كۈن ئىچىدە كورۇلدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلغان پۇقرالار كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلگەن؛ ئېتىقاد ئەركىنلىكى جاكارلانغان؛ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىنئام قىلىنغان ياكى سېتىۋېلىش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن يەر - زېمىنلار قوغدىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئارمىيىگە بېرىلمەي قالغان مائاش تولۇقلاپ بېرىلىدىغانلىقى، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ھەرخىل نىزاملار پارلامېنت تەرىپىدىن <ئادىللىق بىلەن> ھەل قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كارل Ⅱ دىن ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى بىردەك ماقۇللىغان.