Uyghur←Chinese主要词典
برازىلىيە ئېمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
巴西帝国
bā xī dì guó
1822-يىلى برازىلىيە پورتۇگالىيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئىمپېرىيە. ئىلگىرى - ئاخىر پېدرو Ⅰ ۋە پېدرو Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىمپېرىيە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە قۇللار ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسەن قەھۋە ئىشلەپ چىقارغان. 50-يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ھەر خىل سانائەت، تۆمۈريول ۋە بانكىلار قۇرۇلغان. ئىچكى جەھەتتە 1824 - 1830-يىللىرى بائىيە ئۆلكىسىدە پارتلىغان قۇللار قوزغىلىڭى بىلەن 1831 -، 1837-يىللىرى رىئو ـ دې ـ ژانېيرودا قانات يايغان جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. سىرتقا قارىتا قارىتا ئارگېنتىنا ۋە ئۇراگۋاي بىلەن بىرلىشىپ، پاراگۋاينى بۆلۈشۈۋېلىشتەك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. خەلق ئۈزۈلدۈرمەي قارشى تۇرغاچقا، ئىمپېرىيىنڭكى ئاساسى تەۋرىنىپ قالغان. 1831-يىلىدىكى قوزغىلاڭ پېدرو Ⅰ نى تەختنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلغان. 1883-يىلى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، 1888-يىلى قۇرللۇق تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان. 1889-يىلى سان - پاۋلو قاتارلىق جايلاردا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى قۇرۇلغان، شۇ يىلى 11-ئايدا پېدرو Ⅱ گە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى برازىلىيىدە ئورنىتىلغان.