Uyghur←Chinese主要词典
برازىلىيىدىكى گېنېرالغا قاراشلىق رايون
دۇنيا تارىخى
巴西将军辖区
bā xī jiāng jūn xiá qū
ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا پورتۇگالىيىنىڭ برازىلىيىدە قۇرغان مۇستەملىكە رايونى. 1534-يىلى، پورتۇگالىيە كورۇلى ژورو Ⅲ برازىلىيىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئون نەچچە <گېنېرالغا قارام رايون> غا بۆلۈپ، <زېمىن ئىگىسى> دەپ ئاتالغان پورتۇگالىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سۇيۇرغال بېرى قىلىپ ئىنئام قىلغان. ئەمما يەنىلا پادىشاھلىق مۈلۈك بولغاچقا، پادىشاھقا ئوپان تاپشۇرغان. زېمىن ئىگىلىرى قارام رايون ئىچىدە مەمۇرىي ئورگان قۇرۇشقا، سوت تەسىس قىلىشقا، باج ئېلىش ۋە ئىدىئانلارنى سېتىشقا ھوقۇقلۇق بولغان. ھەم تەلەپ ئىشلىرى، جىنايى ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك ھوقۇققا ئىگە بولغان. 1549-يىلى، فرانسىيىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇستەملىكىلەرگە قارىتا تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ پورتۇگالىيە كورۇلى برازىلىيىدە باش ۋالىي تەسىس قىلغان. زېمىن ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچراپ، گېنېرالغا قارام رايونلار ئاستا - ئاستا مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئايلىنىپ قالغان.