Uyghur←Chinese主要词典
برائۇچىس
دۇنيا تارىخى
勃劳希契
bó láo xī qì
(1881 - 1948) فاشىستلار گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە توپچى ئەسكەرلەر كاپىتانى بولغان، كېيىن باش شتابقا شىتاب ئوفېتسىرى بولۇپ يۆتكەلگەن. 1933-يىلى شەرقىي پرۇسسىيىدىكى گىنسىبۇرگ بىرىنچى دىۋسىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. 1938-يىلى گىتلېر تەرىپىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاۋسترىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىشىغا، پولشاغا ھۇجۇم قىلىشىغا، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1940-يىلى 7-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشاللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1941-يىلى 6-ئايدا نېمىس ئارمىيىسىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇم قىلغان. موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ يىلى 12-ئايدا خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىلگەن. 1945-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، تۈرمىدە ئۆلگەن.