Uyghur←Chinese主要词典
براخماناس
دۇنيا تارىخى
梵书
fàn shū
قەدىمكى ھىندىستان براخمان دىنىنىڭ دەستۇرى. <ۋېدا> ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى، نەسرىي شەكلىدە يېزىلغان، ئاساسەن براخمان دىنىنىڭ نەزىر - چىراغ قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇ تىلشۇناسلىقتىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. براخماناسلار <ۋېدا>توپلاملىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، <ۋېدا> نىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىگە مەنسۇپ، مەسىلەن، <رىگۋېدا> غا مەنسۇپ بولغان <ئېدلو براخماناس>، <خېلو براخماناس>، <ساماۋېدا> غا مەنسۇپ بولغان <بەيداۋ براخماناس> ۋە <جىگۇ براخماناس>، <ئاتارۋاۋېدا> غا مەنسۇپ بولغان <نيۇداۋ براخماناس> قاتارلىقلار.