Uyghur主要词典
بىراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى، قوشما جۈملىدە ئاددىي جۈملىلەرنى باغلايدۇ، بۇ باغلىغۇچىلار بىلەن كەلگەندە بۇ جۈملە ئالدىنقىسىغا قارشى كېلىدۇ ياكى باشقىچەرەك بولىدۇ.
ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما خەلق ياشايدۇ. بۆرە كۈل رەڭ تۈسكە كىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئاق كۆڭۈل بولالمايدۇ. نان كۆپەيدى، ئابروي كېمەيدى، بىراق يوقىچىلىق خارلىقتىن كۆرە ياخشىراق. جاندىن كېچىش ئاسان ۋە لېكىن جان دوستتىن كەچمەكلىك قىيىن. كۈچ - قۇۋەتتىن قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئىشتىن توختىمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
تەڭداش جۈملىلەرنى قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە باغلاپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمغا نىسبەتەن كېيىنكى جۈملىدىكى ئۇقۇمدا بولىدىغان بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ پەيتتە ئىسھام پىلىموتنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، بىراق تۈتەكلەر ئارىسىدىن ئۇچۇپ كەلگەن ئوقلار ئۇنى بىردىنلا توختىتىپ قويدى.