Uyghur←Chinese主要词典
برانتىڭ
دۇنيا تارىخى
布兰廷
bù lán tíng
(1860 - 1925) شۋېتسىينىڭ باش ۋەزىرى (1920، 1921 - 1923-، 1924 - 1925)، شۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. 1882-يىلى ئوپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلىپىدە ستۇكھولم رەسەتخانىسىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ئۇزۇن مەزگىل پارتىيە ژۇرنىلى <سوتسىيال دېموركاتلار پارتىيىسى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1917 - 1918-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شۋېتسىيىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئانتانتا دۆلەتلەرگە يان باسقان. يەنە شۋېتسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى، خەلقئارا ئىتتىپاق كېڭەش ئەزاسى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن. ئاۋېنانما تاقىم ئارىلىنى بىتەرەپ قىلىش ئارقىلىق فىنلاندىيە بىلەن بولغان مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ئاياغلاشتۇرغان. 1921-يىلى لانگې بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.