Uyghur←Chinese主要词典
برادلېي
دۇنيا تارىخى
布菜德雷
bù cài dé léi
(1893 - 1981) ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى. سېست پوئېنت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ۋېست پوئېنت ھەربىي مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىككىنىچ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئىككىنچى جۈنتۇەننىڭ موماندانى بولغان. 1943-يىلى شىمالىي ئافرىقا جېڭىگە ۋە سىتسىلىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1944-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى ئارمىيىسىنى باشلاپ نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن يەنە 12-جۈنتۇەننى باشلاپ فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. 1945 - 1947- يىللىرى ئامېرىكا ھەربىي سەپتىن قايتقان ھەربىيلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 9481-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1949 - 1953 - يىللىرى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1950-يىلى ئىستېپا بېرىپ يەنىلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى) بولغان. ۋەزىپىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىل ئىچىدە، چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى پائال پىلانلىغان. كېيىن، ئامېرىكىنىڭ <نامۇۋاپىق ئورۇندا، نامۇۋاپىق ۋاقىتتا، نامۇۋاپىق رەقىپ بىلەن خاتا ئۇرۇش قىلغان> لىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1953-يىلى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن سودىگەرچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ <جەڭچىلەرنىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
布拉德利
bù lā dé lì