Uyghur主要词典
بوز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىڭ، خاڭدى.
بوز ئاچماق، بوز يەر. * بۇغداي تېرىساڭ كۈزگە تەر، ئارپا تېرىساڭ بوزغا تەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
كۆكۈش ئاق رەڭ، كۈل رەڭ.
بوز ئات، بوز تورغاي، بوز توشقان، بوز تۈلكە. * ئۆزى كەلسە كەلسۇن، بوز خالتىسى كەلمىسۇن (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەر، ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئېچىپ تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان يەر.
ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار. بۇغداي تېرىساڭ، كۈزگى تېرى، ئارپا تېرىساڭ، تىڭغا تېرى. چەت بىنەمنىڭ تۈلكىسى كۆپ خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى. بولسا سۇلۇق، بولمىسا بىنەم. خاڭدىغا يېقىن بولساڭ، يېرىڭ كۆپىيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆككە مايىل ئاق تۈس.
ئاتنىڭ ياخشىسى بوز بولىدۇ، ئەرنىڭ ياخشىسى تاز. سۇر ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ سىنى كەتمەس. كۈل رەڭ پاختەك تۈكى رەڭگىگە ئوخشايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوي.
ئۇزۇنبوزلۇغ كىشى _ ئۇزۇن بويلۇق كىشى.
3 - 167
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دوغداق.
3 - 167
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوز مونچۇق _ بوز مۇنچاق. بۇ ئىپار بىلەن سۇكتىن (سۇك _ ئامىلە شىرىسى، ئەرەپ يېلىمى ۋە ئىپارقوشۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل دورا) ياسىلىدۇ، خوتۇنلار تاقايدۇ.
3 - 167
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوز.
بوز ئات _ بوز ئات. بۇ چىرايلىق رەڭ ئەمەس. ھەر قانداق بىر ھايۋاننىڭ رەڭگى ئاق بىلەن قىزىل ئوتتۇرىسىدا بولسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ . بوز قوي _ بوز قوي.
3 - 169
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەپرەت، غەزەپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆككە مايىل ئاق رەڭ.
بوز ئات. بوز قوي. بوز ئېشەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېچىلمىغان، تېرىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن.
بوز يەر. بوز توپا. ئۇلار ناشتىدىن كېيىن گەمە ئارقىسىدا ئاچقان بىر پارچە بوزغا كەلدى.
ئۆيلەنمىگەن، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم، چېنىقمىغان.
بوز يىگىت.