Chinese→Uyghur主要词典
波义耳
تارىخ
bō yì ěr
پوئىرېت
دۇنيا تارىخى
بويلې
(1627 - 1691) ئەنگلىيىلىك خىمىك ۋە فىزىك. ئېرلاندىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ئېتون كوللېگې (ئەنگلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پەرزەتنلىرى ئوقۇيدىغان. مەشھۇر مەكتەپ) دە ئوقۇغان، كېيىن جەنۋەگە بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۆڭەكلەر خىميە تەتقىقاتى بىلەن شۇغوللىنىشقا رۇخسەت قىلىمايدۇ، دەيدىغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشقا پەرۋا قىلماستىن قەتئىيلىك بىلەن خىمىيە تەتقىقاتى ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان. 1659-يىلى تەجرىبە ئارقىلىق گاز بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش پرىنسىپىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە گاز قانۇنى، يەنى <بويلې مارىئوت قانۇنى> نى كەشپ قىلغان. خىمىيە جەھەتتە ئەينى چاغدا قوللانغان بېكىتىش تەجرىبىلىرىنى بىر سىستېمىغا يىغىنچاقلاپ، ئانالىز خىمىيە تەتقىقاتىنى باشلىغان. ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ماددىلارنىڭ پارچىلىنىش قانۇنىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، خىمىيە پېنىنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇ <يېڭى تەجرىبە>، <گۇمانلىق خىمىيە ئالىمى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.