Uyghur←Chinese主要词典
بوتېۋ
دۇنيا تارىخى
波特夫
bō tè fū
(1849 - 1876) بۇلغارىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خىيالىي سوتسىيالىزمچى ۋە شائىر. كالوفېردىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1863 - 6718-يىللىرى روسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ئودېسسا گوبىرنىيىلىك ئوغۇللار ئىككىنچى گىمنازىيىسىدە ئوقۇپ، روسىيە ئىنقىلابى دېموركاتىزملىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1868-يىلدىن باشلاپ بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1871-يىلى رومىنىيىدە <بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرى مۇنبىرى> نى نەشر قىلدۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1872-يىلى بۇخارىستقا كۆچۈپ بارغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ئەركىنلىك گېزىتى> ۋە <مۇستەقىللىك گېزىتى> دە تەھرىرلىك قىلغان. شۇنىڭدەك ھەجۋىي خاراكتېرلىك گېزىت <قوڭغۇراقلىق سائەت> نى نەشر قىلغان. 8741-يىلىدىن باشلاپ بۇلغارىيە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. كېيىن تۈركىيىنىڭ قارشى قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان. ئۇ ئەسەرلىرىدە بۇلغارىيە كاپىتالىزم باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەي تۇرۇپلا بىۋاسىتە سوتسىيالىزمغا قەدەم قويىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. <ئانامغا>، <كۈرەش>، <خادجى دېمېتروۋ> ۋە <ۋاسىل لىۋىسكىينىڭ دارغا ئېسىلىشى> قاتارلىق شېئىرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
博泰夫
bó tài fū