Uyghur主要词典
بوتۇ شەھىرىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېبېيدىكى بوتۇ شەھىرىنىڭ غەربىي مەسچىت كوچىسىدا. «ساڭجۇ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» دىن قارىغاندا، بۇ مەسچىت 1368 - يىلىدىن 1398 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. كېيىن نەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ، زىننەتلەنگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11 مىڭ 200 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىتنىڭ ھويلىسى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. جەنۇب، شىمال تەرەپلەرگە ھەسىز مەكتەپ، مىئزەنە، قەسىر، دەرسخانا، نامازخانا، راھىبە ۋە ئاخۇنۇملارنىڭ ياتىقى، سەراپ قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دەرۋازا ئاجايىپ كاتتا ياسالغان، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قەدىمكى ئۇسلۇبتا تام سېلىنغان. مىئزەنەنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىرغا يېتىدۇ. بىنانىڭ لەمپە ۋە ئىشىكلىرى قالتىس ماسلاشقان. ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئۆلكىدە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.