Uyghur←Chinese主要词典
بوتتا
دۇنيا تارىخى
波达
bō dá
(1766 - 1837) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس. ئەسلى دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان. 1792 - 1794-يىللىرى فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېساشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. كېيىن فرانسىيىگە كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيىدە قوزغىغان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1799-يىلى پېمونتې ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1802-يىلى ۋە 1809-يىلى فرانسىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ناپولېئون ئىمپېرىيىسىگە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە سىياسىي مەيدان بارا - بارا مۇتەئەسسىپلىككە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى چەت ئەلنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئەسەرلىرى ئاممىباب لۇپپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىتالىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ئارىسىدا خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولۇپ، كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى تارىخى>، <ئىتالىيە تارىخى> (1789 - 1814) قاتارلىقلار بار.