Uyghur主要词典
بوستان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باغ، گۈلزار، چىمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈللەر تېرىلغان، ئۈنگەن، ئۆسكەن يەر.
گۈللۈكتە ئوينىسا كىشى، چىمەن باغلىسا كىشى. گۈلزاردا ئەتىرنىڭ قەدىرى بولماس. گۈلچىگە يېقىملىق بوستان - گۈلزار، ئوتۇنچى كۆڭلىنى قىلار تىكەنزار. گۈلشەن بۇلار قاقاس چۆل، كۆچەت تىكىپ، تېرىسا گۈل. زېمىن باشتىن ئاياغ گەر لالىزاردۇر. يالىڭاياغ يۈرمە، تىكىنى باردۇر. دىل ھىممىتىڭدىن ھايات گۈلىستان، قول قۇدرىتىڭدىن ھەممە ياق بوستان.
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ژۇرناللار
<بوستان> - پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسى نەشر قىلدۇ، <بوستان> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. ژۇرنال 1979 - يىلى نەشر قىلىنشقا باشلىغان، ھازىرغىچە ئىچكى قىسىمدا ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ژۇرنالدا ھازىر <نەسرىي ئەسەرلەر>، <شېئىرلار>، <ئەكس سادا>، <خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن>، <چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن> قاتارلىق سەھىپىلەر بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دەل - دەرەخ ۋە يېشىللىققا تولغان جاي، باغ.
ئىچكىلى مېھرىڭ سۈيىنى سەن تامان ئۇچقاندا مەن، ئۆز ئانام قوينىنى تاپتىم بۇ گۈزەل بوستاندا مەن.