Chinese→Uyghur主要词典
波斯蒂国
دۇنيا تارىخى
پېرسىيە ئىمپېرىيىسى
ئىران ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان قەدىمكى دۆلەت. پارسلار ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىردىن ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبى (پارىس رايونى) غا كۆچكەن، ئۇلار جەمئىي ئون قەبىلە (ئالتىسى دېھقانچىلىق، تۆتى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان). بىر مەھەل مېدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان. مىلادىدىن 550 ىل ئىلگىرى كۇروس پېرسىيە قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ مېدىيە پادىشاھىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئارخېمىند سۇلالىسىنى مىلادىدىن 558 يىل ئىلگىرى دېگەنلەرمۇ بار( قۇرۇپ، سۇسانى پايتەخت قىلغان، بۇ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا سىرتقا كېڭىيىپ، كىچىك ئاسىيا مېسوپوتامىيە ۋادىسى، سۈرىيەت قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، شەرقتە باكتېرىيە، سوغدى قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىشغال قىلغان. لېكىن شىمال تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ماساگىتلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا كۇروس مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى گامبىسې تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن قوشۇن باشلاپ مىسىرنى بويسۇندۇرغان )مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى(، لېكىن گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن )مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى( پادىشاھ گامبىسې دۆلىتىگە قايتىۋېتىپ يولدا ئۇشتۇمتۇت قازا تاپقان. دارىئۇس Ⅰ گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشنى ۋە جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، ئىمپېرىيە تېررىتورىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىغىچە، غەربتە ئېگېي دېڭىزى ۋە ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى )مىسىر( غىچە سوزۇلغان. مىلادىدىن ئىلىگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى )دارىئۇس Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە( پېرسىيە ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە ھۇجۇم قىلىپ، تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگىچە داۋام قىلغان يۇنان -پېرسىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاخىر بۇ ئۇرۇش پېرسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان. پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان، ئىمپېرىيە تەۋەسىدە دائىم پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن )مىلادىدىن 404 - 343 يىل ئىلگىرى مىسىر مۇستەقىل بولغان(. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ماكېدونىيىدىكى ئالېكساندر تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىنغان. مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنداق قلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان. قەدىمكى پېرسىيە شەرقتىكى ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تىپى بولۇپ، ئىمپېرىيە مەزگىلىدە غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادى يەنىمۇ تەرەققىي تاپقان؛ پېرسىيە مەدەنىيىتى كۆپرەك ئىككى دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن مىخ يېزىق قوللىنىپ، گۈزەل سەنئەت يارىتىشتا خېلى يۇقىرى نەتىجە قازانغان. مەسىلەن، پېرسېپولىستىكى يۈز تۈۋرۈكلۈك ساراي، قاپارتما نەقىش ۋە تام سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بەكمۇ مەشھۇر. ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختلىرىدىن سۇسا، پېرسېپولىس، بابىلون ۋە ئېكباتانا قاتارلىقلار بار. ئىران ئېگىزلىكىدە پەيدا بولغان زور ئاستېر دىنى دارىئۇس Ⅰ زامانىسىدا دۆلەت دىنى قىلىنغان ۋە كەڭ تارقالغان؛ كېيىن جۇڭگو تارقىلىپ ئاتەشپەرەس دىنى دەپ ئاتالغان.