Chinese→Uyghur主要词典
波斯波利斯
تارىخ,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bō sī bō lì sī
پېرسېپولىس
دۇنيا تارىخى
پېرسېپولىس
قەدىمكى پېرسىيە ئىمپرىيىسىنىڭ پايتەختلىرىدىن بىرى. ھازىرقى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەخت - جەمشىد ئەتراپىغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلەىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان. شەھەر ئىچىدە كۆلىمى غايەت چوڭ بولغان خان ئوردىسى، جۈملىدىن دارانىڭ قوبۇخانىسى، شېرشېس Ⅰ نىڭ يۈز تۈۋرۈكلۈك زالى، قاناتلىق مۇقەددەس كالا ھەيكىلى بىلەن زىننەتلەنگەن ئوردا دەرۋازىسى، شۇنىڭدەك مەرمەر تاشتىن ياسالغان قاپارتما نەقىشلىك پەلەمپەي قاتارلىقلار بار بولۇپ، تولىمۇ كۆركەم ۋە چىرايلىق. مىلادىدىن 33 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان (120 مىڭ تارانتون ئالتۇن - كۈمۈشنى بۇلاپ كەتكەن). ⅩⅩ ئەسىردىن بۇيان ئارخېئولوگلار خارابىلەرنى قېزىپ، نۇرغۇنلىغان ئاسار ئەتىقىلەرنى تېپىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىياللار بىلە تەمىن ئەتكەن.