Uyghur主要词典
بوشىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىگىلىگەن ۋە ئىشغال قىلغان نەرسىدىن خالىي بولماق.
ئۆي بوشىدى. يول بوشىدى.
ئىشتىن، مەلۇم ھەرىكەتتىن چۈشمەك؛ بىكار بولماق.
ئىشتىن بوشىماق. خىزمەتتىن بوشىماق.
گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس (ماقال).
يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ قولى خېلى بوشايدۇ.
قۇتۇلماق، قۇتۇلۇپ چىقماق.
تۈرمىدىن بوشىماق.