Uyghur主要词典
بوشلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەركىن - ئازادىلىك؛ بىكار.
ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى - پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى (ماقال).
ئەتراپى مەلۇم نەرسە بىلەن ئورالغان، ئىچى بوش، خالىي جاي.
دىماغ بوشلۇقى. ئېغىز بوشلۇقى.
زېمىندىن خالىي باشقا يۇلتۇزلار ئارىلىقىدىكى مۇساپىلار.
ئالەم بوشلۇقى. ئاسمان بوشلۇقى.
سۇسلۇق، بوشاڭلىق.
بۇ بالىنىڭ ئىشقا بوشلۇقىغا قانداق قىلارمىز.
بوش ياتقان يەر، جاي.
باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كەڭ بوشلۇققا بىردەمدىلا نۇرغۇن بالىلار توپلاندى.
ماددىلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
تولۇقسىزلىق، كەمچىلىك.
بۇ لۇغەت ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.