Chinese→Uyghur主要词典
波沙列瓦茨和
دۇنيا تارىخى
پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى
ئاۋستىرىيە - بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامسى. 1716 -، 1717 - يىللىرىدىكى ئاۋستىرىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋستىرىيە ئارمىيسى تۈركىيىنى يېڭىپ، بېلگرادنى ئىشغال قىلىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. 1718 - يىلى 7 - ئايدا، سىربىيىنىڭ پوزارېۋاس دېگەن جايىدا ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامە بويىچە، ئاۋستىرىيە بارنېت، بوسنىيە، شىمالىي سىربىيە (بېلگرادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋالاخىيە ۋە سىلوۋىنىيە قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرتنامە بويىچە ئاۋستىرىيەگە پايدىلىق بولغان ئاۋستىرىيە - تۈركىيە سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، ئاۋستىرىيە پۈتكۈل ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقى، چېگرا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگەئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.