Chinese→Uyghur主要词典
波赛顿
دۇنيا تارىخى
پوسېيدون
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى دېڭىز خۇداسى. رىم ئەپسانىسىدە نېپتۇن دەپ ئاتالغان. كرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. زېۋىس، خادېس بىلەن قېرىنداش بولۇپ، بىرلىشىپ كرونوسنى ئاغدۇرۇپ، چەك تاشلاپ دېڭىز - ئوكيانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان( زېۋىس بىلەن خادېس ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسمان بىلەن دوزاخقا ئىگىداچىلىق قىلغان). ئۇنىڭ خوتۇنى ئامپىترىتې دېڭىز - ئوكيانلار مەبۇدىسى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ <ئەجدىھالار ئوردىسى> ئاكائانىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئېگېي دېڭىزىنىڭ ئاستىدا ئىكەن. ئۇ قولىدا شاشقاقنى تۇتقىنىچە تۇلپار قوشۇلغان جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ، دېڭىز - ئوكيانلاردا ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەن. بەزى چاغدا يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولېمپىيە تېغىغا بېرىپ خۇدالارنىڭ يىغىىلشىغا قاتنىشىدىكەن.