Uyghur←Chinese主要词典
بورنېئو
دۇنيا تارىخى
渤泥国
bó ní guó
كالىماتتا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋېنلەي ئەتراپىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ⅩⅢ ئەسىردە جۇڭگولۇق جاۋروشى يازغان <بەگلىكلەر تەزگىرىسى> دە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتكە جەمئىي 14 ئايماق تەۋە بولۇپ، پايتەخت ئاھالىسى 10 مىڭغا يەتكەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇدجۇ پاخىت دۆلىتىگە بېقىنغان. كېيىن ئىسلام دىنى تارقىلىپ ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇستەقىل بولۇپ، سۇلتانلىق دۆلەت قۇرغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ بېشىدا كۈچيىيىپ، تەسىر دائىرىسى پۈتكۈل كالىمانتان ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە سۇلۇ تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئىچكى نىزالىرى تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى كۈچلىرى بېسىپ كىرگەن. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەقەت ساراۋاك ۋە كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىلا قېپقالغان. 1888-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. بورنىئو دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولغان. مىلادى 977-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تەيپىڭ شىنگونىڭ 2-يىلى) ۋە 1082-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى يۈەنفېڭنىڭ 5-يىلى) جۇڭگوغا ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 1370-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خوڭۋۇنىڭ 3-يىلى) جۇڭگومۇ ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1405-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 3-يىلى)بورنىئونىڭ پادىشاھى مانارېكا ئائىلە تاۋابىئات ۋە مۇلازىلىرىنى ئېلىپ جۇڭگوغا كەلگەن. 1408-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 6-يىلى) كېسەلدىن ئۆلگەندە، مىڭ سۇلالىسى زور داغدۇغا بىلەن نەنجىڭدىكى ئەندېمېن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا دەپنە قىلغان. 1412-يىى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 10-يىلى) تەخت ۋارىسى جياۋاڭ جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
婆罗
pó luó