Uyghur主要词典
بورنۇ پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
يەنى كانېمي - بورنۇ پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ چاد كۆلى رايونىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن Ⅷ، Ⅺ ئەسىرلەردە چاد كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كانېم رايونىدا قۇرۇلۇپ، نجىمى شھىرىنى پايتەخت قىلغان. پادىشاھى مائى دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە چاد كۆلى رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، غەربىي ئافرىقا، شىمالىي ئافرىقا بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسايىن كۈچەيتگەن. ⅩⅢ ئەسىردە پادىشاھ جەمەتلىرى پارچىلىنىپ، ئۆزئارا قالايمىقان ئۇرۇشقا ھەمدە بۇلالالىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅤⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، چاد كۆلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بورنۇدا يېڭى پايتەخت نگازارگامۇنى بىنا قىلغان. ئىدرىس ئالوما تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1571 - 1603)، ئىسلاھاتا ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. زېمىنى غەربتە ئېل ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرقتە كانىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىمالدا تىبېستى ئېگىزلىكىگىچە سوزۇلغان. ⅩⅦ ئەسىردە زاۋالغا يۈزلىنىشكە باشلاپ، بېقىندى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1808-يىلى فۇربىلار تاجاۋۇز قىلغان بولىسمۇ، كانېمى (؟ - 1835) تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1893-يىلى راباغ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىلەر بۆلۈشۈۋالغان.