Uyghur←Chinese主要词典
بورىيا
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
伯利亚
bó lì yà
بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۆز ئارا ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە تال قومۇشتىن ئۇزۇن - قىسقىلىق رېتى بويىچە يېرىم ئاي ياكى دۈگىلەك شەكىلدە جۈپلەپ ياسىلىپ، قىيپاش تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل چالغۇ ھازىر تۈركىيىدە ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.