Uyghur←Chinese主要词典
بوردېت
دۇنيا تارىخى
波尔达
bō ěr dá
(1870 - 1961) بېلگىيە سېرولوگى ۋە ئىممۇنىتېتلوگى. 1892-يىلى بريۇسسېل داشۆسنىڭ مېدىتسىنا دوكتورى بولغان. 1894 - 1901-يىللىرى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن پارىژدىكى باست تەتقىقات ئورنىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1901-يىلى بريۇسسېلنىڭ براجىن دېگەن جايدىكى باست تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1907-يىلدىن باشلاپ بريۇسسېل داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. باكتېرېئوفاگنىڭ ھايۋاناتلاردىكى قان زەرداب خاراكتېرى، قان زەردابىدىكى تولدۇرغۇچى تەنچىنىڭ مۇداپىئەلىنىش مۇقىملىقى، كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە يۆتەل كېسەللىكىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېىپ تۆھپە ياراتقان. 1919-يىلى فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا كەسپى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <ئىممۇنىتېت توغرىسىدا تەتقىقات>، <قان ئىممۇنىتېت> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.