Uyghur←Chinese主要词典
بونن شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
波恩条约
bō ēn tiáo yuē
<بونن مەخسۇس شەرتنامىسى> ياكى <ئادەتتىكى شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1952-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىسى بىلەن بونندا ئىمزالىغان بىر قاتار شەرتنامىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇ <ئۈچ دۆلەت بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە>، <چەت ئەل قوشۇنلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ گېرمانىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى زېمىندىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە>، <مالىيە توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە>، <ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە> دىن ئىبارەت بىر قاتار كېلىشىملەرنى ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر ئىشغالىيەت قانۇن - نىزاملىرىنى بىكار قىلىش، لېكىن ئۈچ دۆلەت قوشۇنلىرى داۋاملىق فېدېراتىپ گېرمانىيە زېمىنىدا تۇرۇش؛ فېدىراتىپ گېرمانيە <ياۋروپا مۇداپىئە كۆرۈش گۇرۇھى> غا قاتنىشىش، بىرلەشمە كومىتېت تەسىس قىلىپ، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېيىن <ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى> بەربات بولغانلىقتىن 1954-يىلى ئىمزالانغان <پارىژ كېلىشىمى> دە يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەرتنامىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان. <پارىژ كېلىشىمى (1)> گە قارالسۇن.