Uyghur主要词典
بولشېۋىك
دۇنيا تارىخى
رۇسچە Большевик نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كۆپ سانلىقلار دېگەن مەنىدە. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيى پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى بېكىتىش ۋاقتىدا لېنىن باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار مارتوۋ قاتارلىق ئاغمىچىلار بىلەن جىددىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ پارتىيىنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك ئورگىنى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىشتا كۆپ سانغا ئىگە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارتىيىنىڭ 1912-يىلدىكى 6-سانلىق يىغىنىدا مېنشېۋىكلار تازىلاپ چىقىرىلىپ، مۇستەقىل پرولېتارىيات پارتىيىسىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
پەلسەپە
لېنىن قۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىشلەتكەن ئاتالغۇ بولۇپ، <كۆپ سانلىقلار> دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم بولشېۋىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى - كوممۇنىستىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.