Chinese→Uyghur主要词典
伯利欣根
دۇنيا تارىخى
بېرلىشىنگېن
(تەخمىنەن 1480 - 1562) گېرمانىيىلىك رىتسار. <تۆمۈر قوللۇق رىتسار> دەپ نامى بار. ۋىيۇرتېمبېرگ گېرتسوگلۇقىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1524 - 1525-يىللىرىدىىك گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، فرانكونىيە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، رىتسارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى مۆتىدىل يول بويلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كويىدا بولغان. 1525 ـ يىلى 4-ئايدا ئارمىيە كوماندىرى بولغان. شېۋابىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ھارپىسىدا دېھقانلارغا ئاسىيلىق قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ كە تەسلىم بولۇپ، تۈركىيە سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى فرانسىيە كورۇلى فرانسېس Ⅰ بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ <تۆمۈر قول رىتسار - گېس> ناملىق تەرجىمىھالى بار. گېرمانىيە شائىرى گىيوتى بۇنىڭغا ئاساسەن 1773-يىلى <گېسفىن - بېرلىشىنگېن> ناملىق تارىخىي رامىسىنى يېزىپ چىققان.