Chinese→Uyghur主要词典
柏林三月起义
دۇنيا تارىخى
بېرلىندىكى مارت قوزغىلىڭى
بېرلىندىكى ئىنقىلابي خەلقنىڭ پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1843-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرى، بېرلىندىكى ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، تەبىقە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنى، پارلامېنت چاقىرىشنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كورۇل فرېدىرىخ ۋىلھلىم Ⅳ قوشۇننى ئىشقا سېلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ئاممىنى تارقىتىۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 13-كۈنى ۋېنا خەلقىنىڭ مېتىنى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىق خەۋىرى بېرلىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن كۈرەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. كورۇل خەلقىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ لىبېراللىرىنى يېنىغا تارتىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. 17 - 18 - كۈنلىرى ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گېزىت - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان؛ بىرلەشمە شتات پارلامېنتى چاقىرىشقا ھەمدە گېرمانىيە دېموكراتىك فېدېراتىپ دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن. بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرى بارا - بارا ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسە قىلغان. بېرلىن ئاممىسى كورۇلدىن ئارمىيىنى پايتەختتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئارمىيە ۋە ساقچى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خەلق 18-كۈنى كوچىلارغا توسۇقلاررنى قۇرۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئاخىرى كورۇلنى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەمدە ئارمىيىنى بېرلىندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان، قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغان. لېكىن غالىبىيەت مېۋىسىگە بۇرژۇئازىيە ئىگە بولۇۋالغان. 29-كۈنى پرۇسسىيىدە كامپخاۋېن - خانسېمان لىبېراللار كابىنېتى قۇرۇلغان.