Chinese→Uyghur主要词典
波利尼西亚劳
دۇنيا تارىخى
پولېنېسىيە مېھنەتكەشلىرى پەرمانى
ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋسترالىيىنى ئېچىش ئۈچۈن تۈزگەن پەرمانى. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى يېڭى ھېبرىدېس تاقىم ئاراللىرى، سولۇمون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىن ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى يەنى، كاناكاسلار (پولېنېزىيە تىلىدا <ئەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) نى يۆتكەپ كېلىپ كېۋەز ۋەقىزىلچا ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلەتكەن. 1868 - يىلى كوئېنسلاند مۇستەملىكە رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ پەرماننى چىقىرىپ، كاناكاس ئىشچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىشىنى باشقۇرغان ھەمدە ئېكىنزاردىكى يەرلىك ئىشچىلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە توغرىسىدا قارار چىقارغان، شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلارنى يۆتكەش قانۇنلىشىپ قالغان.