Chinese→Uyghur主要词典
伯林会议
دۇنيا تارىخى
بىرلىن يىغىنى
ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ <سان سىتېپانو سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئۆزگەرتىش، بالقاندىكى تەسىر دائىرىسىنى قايتىدىن ئايرىش يۈزىسىدىن ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1878-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان؛ رومىنىيە، يۇنان، مونتېنېگرو، ئىران قاتارلىقلارمۇ ۋەكىل قاتناشتۇرغان بولسىمۇ پەقەت سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكىلا ئىگە بولغان. يىغىندا كۈرەش كەسكەن بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ بىرلىشىپ بېسىم قىلىشى ۋە گېرمانىيىنىڭ <بىتەرەپ> پوزىتسىيە تۇتۇشىدەك ئەھۋال ئاستىدا، يېتىم قالغان. روسىيە زور يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. يىغىندا بۇلغارىيىنىڭ ئاپتونومىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ پادىشاھىنى سايلاشقا ۋە ئارمىيىسى بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى، لېكىن تېررىتورىيىسىنىڭ بالقان تاغ تىزىملىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونغىچە بولىدىغانلىقى؛ جەنۇبتىكى رايونلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان رومىنيە يەنىلا تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستد بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. يىغىن يەنە بسربىيە، رومىنىيە ۋە مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىلىكىنى، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بوسنىيە ۋەگېرتسېگوۋېناغا بولغان ئىشغالىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. روسىيە باتۇمى ۋە كارس قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان.. (2) ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1884-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 1885-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. 1884-يىلى فرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. <خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتى> كونگە دەريا ئېىغزىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەسىلىسىدە تالىشىپ قالغان. بىسمارك خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، روسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، دانىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتىنىڭ كۆزەتۈچىلىرىمۇ قاتناشقان. خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىمۇ قاتناشقان. يىغىن بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ شەخسىي نامى بىلەن كونگو ئەركىن شتاتقا بولۇشنى ئېتىراپ قىلغانلكى پورتۇگالىيە كابىندافتىن باشقا كونگو دەرياسى ئېىغزىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدىن ۋاز كەچكەن؛ سودا ئەركىنلىكى ۋە كونگو دەرياسىدا ئەركىن قاتناش جاكارلانغان؛ يېغىندا ماقۇللانغان كېلىشىمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر دۆلەت ئافرىقىدا يېڭى زېمىن كېڭەيمىچىلىكى يۈرگۈزمەكچى بولسا مەزكۇر توختامغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇشى بەلگىلەنگەن. (3) يەنى<پوتىسىدام يىغىنى>.