Chinese→Uyghur主要词典
波列斯拉夫一世
دۇنيا تارىخى
Ⅰبولېسلاۋ
(تەخمىنەن 679 - 1025) پولشا كىنەزى (992 - 1025). كورۇلى (1025). مېسىزكو Ⅰ نىڭ ئوغلى. مىلادى 999-يىلى كراكوۋ رايونىنى قوشۇۋېلىپ پولشا زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1000-يىلى گېنېزنو دېگەن جايدا مۇستەقىل پولشا باش ئىپىسكوپ رايوننى تەسىس قىلغان. 1003 - 1005، 1007 - 1013، 1015 - 1018-يىللىرى ئۈچ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھىنرى Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان شۇنىڭدەك ئودېردەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىترالسوند ۋە مىسسېن قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1013-يىلى يەنە موراۋىيە ھەم سىلوۋاكنى قوشۇۋالغان. 1018-يىلى كىيېۋرۇسقا يۈرۈش قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. 0251-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن؛ شۇ چاغد، پولشا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېررېتورىيىسى غەربىي ئېلبا دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بۈگ دەرياسىغىچە سوزۇلغان.