Chinese→Uyghur主要词典
波兰一八六三年起义
دۇنيا تارىخى
پولشانىڭ 1863 -يىلدىكى قوزغىلىڭى
1863 - 1864 - يىللىرى چار روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشانىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە فېئوداللارغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، قوزغىلاڭغا ئىشچىلار، قول - سانائەتچىلەر، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلار قاتناشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان <قىزىل پارتىيە>، چوڭ پومىشچىك ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان <ئاق پارتىيە> دىن ئىبارەت ئىككى گورۇھ شەكىللەنگەن. 1863 - يىلى 1 - ئايدا قىزىل پارتىيە <مەركىزىي مىللىي كومىتېتى> مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، فېئودال قۇللۇق مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىش ۋە دېھقانلارغا يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بىرىش توغرىسىدىكى پروگراممىنى ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان؛ مىللىي كومىتېتتا دومبورۋىسكىي، پادلېۋىسكىي (1836 - 1863) قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغان. لېكىن قىزىل پارتىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى خەلق ئىنقىلابىغا بۇرالمىغان، ئىسلاھاتنىمۇ يولغا قويالمىغان. 10 - ئايدا قىزىل پارتىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ،ئاق پارتىيىسىنىڭ تراگۇت ھاكىممۇتلەقلىكى تىكلەنگەن. 1864 - يىلى ئەتىيازدا، تراگۇت ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى قولغا ئېلىنغان، ياز بىلەن كۈز ئارىلىقىدا پارتىزانلار روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. بىر قانچە ئون مىڭلىغان پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرى قىرغىن قىلىنغان، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ياكى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان.