Chinese→Uyghur主要词典
波兰的瓜分
دۇنيا تارىخى
پولشانىڭ بۆلۈۋېلىنىشى
ⅧⅩ ئەسىردە روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋستىرىيلەر پولشانى ئۈچ قېتىم بۆلۈشۈۋالغان. بىرىنچى قېتىم 1772 - يىلى 8 - ئايدا، روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت پېتېربۇرگدا پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان. پرۇسسىيە ۋارمىيە، مالبورك، فېلمىن ھەمدە پومېرانىيە رايونى ۋە چوڭ پولشانىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان، ئاۋستىرىيە پۈتكۈل گالىتسىيە رايونى ۋە كرا - كوۋ، ساندومىرۇ ۋە روسىيەنىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان؛ روسىيە بىلۇروسىيە ۋە لاتۋىيىنىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم، 1793 - يىلى 1 - ئايدا روسىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەت بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، روسىيە ـ بىلۇروسىيە ۋە دىنپېر دەرياسىنىڭ ئەڭ قىرغىقىدىكى ئوكرائىنا رايونىنى؛ پرۇسسىيە تورۇن، گدانىسكنى ۋە چوڭ پولشانىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان. ئۈچىنچى قېتىم، 1794 - يىلى روسىيە، پرۇسسىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان، 11 - ئايدا چار روسىيە ۋارشاۋانى ئىشغال قىلغان. 1795 - يىلى روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت يەنە بىر قېتىم پولشانى بۆلۈشۈپ، پرۇسسىيە ۋارشاۋا ھەمدە پولشانىڭ ئەسلىدىكى تېررىتورىيىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى؛ ئاۋستىرىيە كراكوۋ ۋە لۇبلىن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى؛ روسىيە غەربىي بىلۇروسىيە، غەربىي ئوكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى، لىتۋا ۋە كۇرلاننى بېسىۋالغان. پولشا ئۈچ قېتىم بۆلۈشۈۋېلىنغاندىن كېيىن پولشا خەلقى كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈپ، كۆپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ھەممىسىدىلا يېڭىلگەن. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلاپولشا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.