Uyghur主要词典
بول
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بولماق، بولۇش. خېمىرنى ئېچىتقۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئېچىتماق.
مانتىغا خېمىر يۇغۇرۇپ قويۇۋىدىم. تازا ئوبدان بولۇپتۇ، ئەمدى تۈگەيلى.
2 . يۈز بەرمەك. بۇ ۋەقە بۇلتۇر بولغان. * بولغۇلۇق بولۇپ بولدى.
3 . ۋەزىپە، ئۇنۋانغا ئىگە بولماق. ئۇ نازىر بولۇپتۇ. * باھار باش تەرجىمان بولغان. * سىز كىم بولۇپ ئىشلەيسىز؟
4 . ئۆسمەك، ئاينىماق، ئوخشىماق. بۇ يىل بۇغداي تازا بولدى. * ئۆرۈك ئوبدان بولدى.
5 . تېز پۈتتۈرۈش، تېز ھەرىكەت قىلىشقا دالالەت قىلىپ، بۇيرۇق رايىدا ئېيتىلىدۇ. بول، ئىشقا كېچىكىپ قالىسەن. * بولۇڭلار ئەمدى كېتەيلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
1 . باغلامچى. بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
جەم بولماق، خاپا بولماق، تامام بولماق. * چوڭ بولماق، ھەيران بولماق.
«پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يېزىپ بولماق، كېلىپ بولماق، ئوقۇپ بولماق. * يىغلاپ بولدۇڭمۇ؟ * چىراغ ئۆچۈپ بوپتۇغۇ! كېتىدىغانلار كېتىپ بولدى، كېلىدىغانلاركېلىپ بولدى.
3 . سۈپەتداشلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار ھازىر كۈندە كۆرىشىدىغان بولدى. * ئۇنىڭ كۆزى ساقايدى، كۆرىدىغان بولدى.
4 . چىقىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلسە، تۇغۇلماق، دۇنياغا كەلمەك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەن قەشقەردىن بولىمەن. * ئۇ ھارامدىن بولغان جاجىسىنى يېمەي قالمايدۇ.