Chinese→Uyghur主要词典
波将金
دۇنيا تارىخى
پوتيومكىن
(1739 - 1791) روسىيەمارشالى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. گۋاردىيە پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقاندا ئوردىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ، يېكاتېرىنا Ⅱ نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. 1774 - 1768- يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. پۇگاپيوۋ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. كېيىن يېڭى روسىيە، ئازوۋ ۋە ئاستراخان گوبىرنىسنىڭ گوبىرناتورى بولغان. 1784 - يىلى ھەربىي كومىتىېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى پائال تۈردە ئېچىپ، دېڭىز ئارمىيىسىۋە سودا كىمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 1787 - 1791- يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ياسى سۈلھ سۆھبىتىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ ئۆلگەن.