Uyghur←Chinese主要词典
بويار
دۇنيا تارىخى
波雅尔
bō yǎ ěr
روسىيىدىكى ئالى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامى. بۇ نام قەدىمكى پراۋسلاۋيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىدىكى پالۋانلار (خاس ئەسكەرلەر) دىن كېلىپ چىققان. مىلادىن Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە قەدىمكى رۇسلارنىڭ فېئوداللىشىش جەريانىدا پالۋانلار تەبىقىسىدە بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئچىدىكى بايلار ۋە يەر ئىگىلىرى (فېئودال، بەگ) يۇقىرى دەرىجىلىك پالۋانلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوردا ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كىنەزنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. كىنەزنىڭ خىزمىتىدە بولغان، شۇڭا <بويار> دەپ ئاتالغان. Ⅺ - ⅩⅣ ئەسىرلەردە <بيار> دېگەندە كىنەزنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان مەسلىھەتچى كۆزدە تۇتۇلغان، كىنەزلەر ئۇلار بىلەن بارلىق ئىشلاردا مەسلىھەت قىلىپ، ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولغان. ⅩⅤ - ⅥⅩ ئەسىرلەردە رەسمىي چوڭ ئاقسۆڭەكلەر كۆزدە تۇتۇلغان. بويارلار چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دۇما (پارلامېنتى) سىغا قاتناشقان ۋە گوبىراناتور بولۇپ، يەرلىكىنىڭ ھەربىي، مالىيە ھەمدە ئەدلىيە قاتارلىق ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بارا ـ بارا فېئودال تەپرىقچىلىق كۈچلىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندەئى ۋان Ⅵ ھوقۇ مەركەزگە توپلاشقان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، چار پادىشاھقا بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلار تۈزۈمى ئارقىلىق بويارلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچى ئاجىزلاشقان. ⅩⅧ ئەسىردە پيوترا مۇستەھكەم ھەربىي بيۇروكراتلىق ھاكىمىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن بويارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئۇنىۋېرسال
波雅尔
bō yǎ ěr