Uyghur主要词典
بوغۇم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . نەرسىلەرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ تۇتاشقان يېرى.
قومۇشنىڭ بوغۇملىرى.
2 . بەدەن سۆڭەكلىرىنىڭ بىرىككەن يېرى. گۆش - ئۇستىخانلارنى بوغۇملىرىدىن ئاجرات.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. بىر ياكى بىر نەچچە تاۋۇش ئېلمېنتىدىن تۈزۈلگەن ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق بىرلىك.
ئوچۇق بوغۇم، يېپىق بوغۇم، بوغۇم كۆچۈرۈش، بوغۇم ئايرىش بەلگىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - بوۋىدىن تارقالغان.
ياخشى ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇش كېرەك. ئەقىللىق بالا ئۆستۈرسەڭ، ئەۋلادىڭ ئابروي تاپار. جەمەت جەمەتكە تارتىدۇ. نەسلىنى قۇرۇتماق. ئۇرۇق مىللەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئەر تۇخۇمىنى يوقاتماس. يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ بىرىگە باغلانغان بۆلەكلىرى.
كۆيگەن بامبۇكنىڭ بوغۇمى يەنىلاتۈز. ئۈگەڭ ئاغرىسا، ئۆلۈم خەۋىرى دېگىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ياكى بىر نەچچە تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن تۈزۈلگەن ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك.
ئۇچۇق بوغۇم، يېپىق بوغۇم. « ئاتا » ئىككى بوغۇم. ئۇ خەتنى ھەججىلەرگە بۆلۈپ ئوقۇشقا باشلىدى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئىنىم، ئۇكام، سىڭلىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان جايى.
قومۇشنىڭ بوغۇمى.
بەدەن سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىككەن جايى؛ بوغۇم ياللۇغى.
<تىل>بىر ياكى بىرقانچە تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك.
ئوچۇق بوغۇم. يېپىق بوغۇم.