Uyghur←Chinese主要词典
بۆرەك ئۈستى بېزى
بىئولوگىيە
肾上腺
shènshàngxiàn
<ئادرېنال بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇھىم بىرخىل ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئورگىنى. بۆرەكنىڭ يېنىغا جايلاشقان، ئىككى خىل توقۇلمىدىن تەركىب تاپقان. بىرخىلى <پوستلاق ماددىسى> يەنە بىر خىلى <يىلىك ماددىسى> دېيىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار بېلىقلاردىن ئېمىتكۈچىلەرگە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ ئىككى خىل توقۇلما ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن تەدرىجىي ھالدا ئارىلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا يىلىك ماددىسى يىغىلىپ كاللەكلەشكەن، سىرتىنى پوستلاق ماددىسى ئوراپ تۇرغان ھالەتكە كەلگەن. ئېمىتكۈچىلەرنىڭ بۆرەك ئۈستى بېزى بۇخىل بەزنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان تىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پوستلاق ماددىسى گىدروكورتىزون، ئالدوستېرون قاتارلىق ئومۇملاشتۇرۇپ ئادرېنوكورتىكو تروپىن (بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق گورمونلىرى) دەپ ئاتىلىدىغان گورمونلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ رولى تۇز ۋە سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەمدە قەنتلەر، ئاقسىل ۋە مايلرنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك يەنە جىنسىي بەزلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. يىلىك ماددىسى ئاجرىتىپ چىقارغان گورمونلار <ئادرېنالىن (بۆرەك ئۈستى بېزى گورمونى)> دەپ ئاتىلىپ سىمپاتىك نېرۋىنى قوزغىتىپ، قان قەنتىنى (شېكىرىنى) كۆپەيتىدۇ، يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ، سىلىق مۇسكۇلنى قىسقارتىپ، كانايچىنى كېڭەيتىدۇ ۋە باشقىلار.
ئاناتومىيە
بۆرەك ئۈستى بېزى A
肾上腺
shèn shàng xiàn
肾上腺
shèn shàng xiàn
肾上腺
shèn shàng xiàn
肾上腺
shèn shàng xiàn
肾上腺
shèn shàng xiàn
肾上腺
shèn shàng xiàn