Uyghur主要词典
بۆرەك
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش ئورگىنى. سۈت ئەمگۈچىلەرنى مىسال قىلغاندا، بۆرەك ئادەتتە پۇرچاق شەكىللىك بولۇپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن جايلاشقان بولىدۇ. ئىشلەپچىقارغان سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىگە سۈزۈلۈپ كىرىپ دوۋساق (دوۋسۇن) ۋە سۈيدۈك يولىدىن ئۆتۈپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. بىر بۆرەكنى دەل ئوتتۇرىسىدىن ئۇزۇنىغا كېسىپ قارايدىغان بولسا، ئۈچ قەۋەت تۈزۈلۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى قەۋىتى پوستلاق قەۋەت بولۇپ، بۆرەك مالپىگى تەنىچىلىرى زىچ توپلانغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا قەۋىتى يىلىك ماددىلىق قىسمى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاجراتقۇچى كىچىك نەيچىلەر قوشۇلغان (يىغىلغان) بولىدۇ. ئىچكى قەۋىتى بۆرەك دېسە (جامى) بولۇپ، سۈيدۈك نەيچىسىنىڭ بۆرەكتىكى كېڭەيگەن قىسمى ھېسابلىنىدۇ ۋە ۋاقتىنچە سۈيدۈك قاچىلاش رولىنى ئوينايدۇ. مالپىگى تەنىچىسى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاشقان ئاجراتقۇچى كىچىك نەيچىلىرى بىرلىشىپ سۈيدۈك ئاجرىتىشنىڭ بىر ئاساسىي تۈزۈلۈشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ <بۆرەك بىرلىكى> دەپ ئاتىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى مالپىگى تەنىچىلىرىنىڭ قان تومۇر شارچىلىرىغا كىرگەندە قان پلازمىسىدىكى ئاقسىلدىن باشقا سۇ ۋە باشقا ماددىلارنىڭ ھەممىسى بۆرەك شارچە خالتىسىغا كىرىپ <دەسلەپكى سۈيدۈك> كە ئايلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپكى سۈيدۈك ئاجرىتىش نەيچىسى ئارقىلىق قايتا سۈمۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئاخىرقى سۈيدۈككە ئايلىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
فىزىكا
ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ئەزاسى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بىردىن ئىككىسى بولىدۇ.