Chinese→Uyghur主要词典
玻尔
دۇنيا تارىخى
بور
(1885 - 1962) دانىيىنىڭ فىزىكا ئالىمى. كپىنھاگىندا تۇغۇلغان. 1911-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ دوكتورى بولغان. كېيىن ئەنگلىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1916-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1920-يىلىدىن باشلاپ دانىيە نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. بلانكىنىڭ كۋانت نەزەرىيىسى بىلەن رۇتېرفوردنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشى ئىدىيىسىگە ئاساسەن بور تەلىماتىنى ياراتقان؛ ئاتوم پارچىلىنىش نەزەرىيىسىنى تولۇقلاپ، ھازىرقى زامان ئاتوم فىزىكىسىنىڭ ئاساسى قىلغان. 1922-يىلى نوبېل قىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1957-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي ياۋروپا ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. <مېتا ئېلېكترون نەزەرىيىسى تەتقىقاتى>، <ئاتوم ۋە مولېكۇلىلاrنىڭ تۈزۈلۈشى>، <نېيتروننىڭ تېپىلىش ۋە ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى> ۋە <ئاتوم فىزىكىسى ۋە ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ فېليەتونى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.